ئەردوغان ئىجرائاتلارنىڭ قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كابېنت يىغىنىدىن كېيىن مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلدى.

1610813
ئەردوغان ئىجرائاتلارنىڭ قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «يۇقۇم ۋەقەلىرى، كېسەللىك ۋە ۋاپات سانلىرىنىڭ ئېشىشى، بىزنى يولغا قويۇلۇۋاتقان ئىجرائاتلارنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشكە مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ سىرتقا چىقىش چەكلىمىلىرىنىڭ پۈتكۈل دۆلەتتە قايتىدىن، ھەر كۈنى كەچتە ئەنقەرە ۋاقتى 21:00 دىن 05:00 كىچە قىلىپ ئۆزگەرتىلىدىغانلىقىنى، «ئىنتايىن يۇقىرى خەتەرلىك» گۇرۇپپىسىدىكى 58 شەھەردە ھەر ھەپتە ئاخىرلىرى ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: « ۋابا تەدبىرلىرى توغرىسىدا، ھەر كىشىنىڭ ۋىجدانى ۋە ئەقلى ھەر كىمنىڭ ساقچىسى بولۇشى كېرەك» دېدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر