ئەردوغان سۇنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئىنسانىيەتنى كۈتۈۋاتقان خەۋپ توغرىسىدا توختالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سۇنىڭ پۈتكۈل جانلىقلارغا ئوخشاشلا ئىنسانىيەت ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان بىر نېمەت ئىكەنلىكىنى... تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

1610651
ئەردوغان سۇنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئىنسانىيەتنى كۈتۈۋاتقان خەۋپ توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سۇنىڭ پۈتكۈل جانلىقلارغا ئوخشاشلا ئىنسانىيەت ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان بىر نېمەت ئىكەنلىكىنى، پەقەت ھاياتىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش ئۈچۈنمۇ سۇنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئامىللارنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بەشتەپە مىللەت قۇرۇلتاي ۋە مەدەنىيەت مەركىزىدە چاقىرىلغان «1 – نۆۋەتلىك سۇ شۇراسى (كېڭىشى) ئېچىلىشى ۋە 363 ئورۇننى كوللېكتىپ خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى» دا سۆز قىلىپ، دۆلەت سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن قۇرۇلۇشى تاماملانغان 363 ئورۇننىڭ خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلۈشى بىلەن دۆلەتكە 427 مىليون لىرا پايدا يارىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۇنىڭ پۈتكۈل جانلىقلارغا ئوخشاشلا ئىنسانىيەت ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان بىر نېمەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «پەقەت ھاياتىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش ئۈچۈنمۇ سۇ ئىنتايىن مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. بۇ ئېھتىياجنى ئىزچىل قامداش ئۈچۈن ئىسراپچىلىقنىڭ ئالدىنىڭ ئېلىنىشى ناھايىتى مۇھىم» دېدى.

سۇ قىسلىقى سەۋەبىدىن 2025 – يىلىغىچە دۇنيا مىقياسىدا 700 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ كۆچۈشكە مەجبۇر بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئەردوغان، نوپۇس بىلەن بىرلىكتە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئاشلىق ۋە ئېنېرگىيە تەلىپى، شۇنداقلا كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ ۋەيران قىلغۇچ تەسىرلىرىنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيەدە يېقىنقى 19 يىلدا 600 ى سۇ ئامبىرى بولۇپ جەمئىي 8697 يېڭى سۇ قۇرۇلۇشى بەرپا قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، )جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 – يىلى بولغان) 2023 كىچە پۈتكۈزۈلىدىغان يەر ئاستى سۇ ئامبارلىرى سانىنى 157 گە يەتكۈزىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە بىر سۇ قانۇنى چىقىرىش تەييارلىقىنىڭ قىلىنىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر