تۈركىيەدە بۈگۈن 154يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن154كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1610811
تۈركىيەدە بۈگۈن 154يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن154كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى31مىڭ 230غا يەتتى.

بۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 225مىڭ.511كىشىنىڭ 1مىڭ 325نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.

كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى32مىڭ404كە يەتتى.

داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان18مىڭ15كىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى2مىليون 975مىڭ108گە يەتتى.


خەتكۈچ: #ۋىرۇس , #ۋابا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر