تۈركىيەدە 60 ياشتىكىلەرنى ئەملەش باشلاندى

تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى 14 مىليون 794 مىڭدىن ئارتۇق ۋاكسىنا ئەملەندى.

1610478
تۈركىيەدە 60 ياشتىكىلەرنى ئەملەش باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2021 -يىلى 14-فېۋرال سەھىيە خادىملىرى بىلەن باشلانغان ۋاكسىنا ئەملەش ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق داۋام قىلماقتا.

بىلىم كېڭىشى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن ۋاقىت جەدۋېلى بويىچە، تۈركىيەدە ئەملەش ئىشلىرى 2-باسقۇچنىڭ 2-گۇرۇپپىسىغا ئۆتتى. بۇ دائىرىدە، 60 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرىلار بىلەن ھەمراھلىرى، خەتەرلىك گۇرۇپپىدىكى بەزى بىمارلار ئۈچۈن ۋاقىت بېرىلىشكە باشلىدى.

سېمىزلىك كېسىلى، يامان سۈپەتلىك ئۆسمىسى بولغان راك كېسىلى بىمارلىرى، دىئالىز بىمارلىرى ۋە ئىممۇنىتېتىنى يوقاتقان ئېغىر كېسەللەرمۇ مۇشۇ باسقۇچتا ئەملىنىدۇ.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر