چاۋۇشئوغلۇ تاجىكستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە بىلەن تاجىكستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىقتىساد، سودا، مەدەنىيەت، خەۋپسىزلىك، مائارىپ ۋە كونسۇلخانا ئىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ساھەلەردە تەرەققىي قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1610693
چاۋۇشئوغلۇ تاجىكستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار امىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تاجىكستاندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىروجىددىن مۇھرىددىن بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن بىرلىكتە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ كۆرۈشۈشتە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن باسالايدىغان قەدەملەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، مۇشۇ يىل (2021) ئىچىدە ۋە كەلگۈسىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان ئۆزئارا زىيارەتلەر ئۈستىدىمۇ توختالدى.

ئۇ تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈشكە مەجبۇر قالغان تاجىكستان زىيارىتىنى، مۇمكىن بولسا،  بۇ يىل ئىچىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ۋە بۇ زىيارەت ۋەسىلىسى بىلەن ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تاجىكستان پىرېزىدېنتى ئىمامئەلى راخماننى 18-20-ئىيۇن كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرى» دە كۈتۈۋېلىشتىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ تاجىكستان پۇقرالىرىنىڭ تۈركىيەگە ۋىزىسىز كېلەلەيدىغانلىقىنى ۋە 90 كۈن تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئىنشائاللاھ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە، ھازىر بۇ توغرىدا خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتىمىز، تاجىكستانمۇ تۈركىيە پۇقرالىرىغا قارىتا ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرار» دېدى.

ئۇ تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ تاجىكستانغا تېخىمۇ كۆپ ئايروپىلان سەپىرى قويۇشنى خالايدىغانلىقىنى ۋە بۇ مەسىلىدە تاجىكستان ئورگانلىرىدىن قوللاشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ئۇ: «تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئافغانىستان يىغىنىدا، قېرىندىشىم سىروجىددىن مۇھرىددىننى كۆرۈشتىن خۇشاللىق ھېس قىلىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر