ئەردوغان قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى قوبۇل قىلدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدرۇرراھمان ئالسانىنى قوبۇل قىلدى.
1609611
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇلدىكى «ۋاھدەتتىن سارىيى» دا ئاخبارات ۋاستىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان قوبۇل، بىر سائەت 45 مىنۇت داۋاملاشتى.
ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە – قاتار ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە، يېمەك - ئىچمەك ۋە بىخەتەرلىك ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى ھەمكارلىق ئىمكانىيەتلىرى، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش قاتارلىق مەسىلىلەر، ھەمدە رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.