ئەردوغان قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى قوبۇل قىلىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدرۇرراھمان ئالسانىنى ئىستانبۇلدىكى «ۋاھدەتتىن سارىيى» دا قوبۇل قىلىدۇ.

1609513
ئەردوغان قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى قوبۇل قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە – قاتار ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە، يېمەك - ئىچمەك ۋە بىخەتەرلىك ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى ھەمكارلىق ئىمكانىيەتلىرى، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىشى كۈتۈلمەكتە.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، «پارىس قولتۇقى» رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر توغرىلىقمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر