تۈركىيە ئاراكان مۇساپىرلىرىغا ياردەم قولىنى سۇندى

تۈركىيە باڭلادېشتىكى ئاراكان مۇساپىرلىرىغا ياردەم قولىنى سۇندى.

1609406
تۈركىيە ئاراكان مۇساپىرلىرىغا ياردەم قولىنى سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باڭلادېشتا ئاراكان مۇساپىرلىرى تۇرۇۋاتقان لاگېرغا ئوت كەتكەندىن كېيىن زىيانغا ئۇچرىغان  تۈركىيە دالا دوختۇرخانىسىنىڭ تەكرار مۇلازىمەت قىلىشقا باشلىشى ئۈچۈن تەييارلانغان ياردەم ماتېرىياللىرى قاچىلانغان ھەربىي يۈك ئايروپىلانى ئەنقەرەدىن قوزغالدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقى جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى، سەھىيە مىنىستىرلىقى، مۇھىت ئاسرات ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرى مىنىستىرلىقى رايونغا ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەشكە باشلىدى.

بۇ دائىرىدە، ئوت ئاپىتىدە زىيانغا ئۇچرىغان تۈركىيە دالا دوختۇرخانىسىنىڭ تەكرار مۇلازىمەت باشلىشى ئۈچۈن تەييارلانغان ناچار ھاۋا شارائىتىغا بەرداشلىق بېرىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە دالا دوختۇرخانىسى، ئەتىمەسگۇت ھەربىي ئايرودرومىدىكى «A 400M» تىپلىق ھەربىي يۈك ئايروپىلانىغا قاچىلاندى.

ياردەم ماتېرىياللىرى قاچىلانغان ئايروپىلان، 22  خادىم بىلەن بىرلىكتە، ئەنقەرە ئەتىمەسگۇت ھەربىي ئايرودۇرۇمىدىن باڭلادېشقا قاراپ يولغا چىقتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر