ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى تەييارلىقىدىكى تېررورىستلار بىر تەرەپ قىلىندى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنچە كاپلان رايونى» دا، پ ك ك نىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىش تەييارلىقىدىكى ئالتە ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى.

1608130
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى تەييارلىقىدىكى تېررورىستلار بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۋىتتېر ئادرېسىدا ئىراقنىڭ شىمالىدا ئالتە تېررورىستنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋە قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنچە كاپلان رايونى» دا بايقالغان ۋە تېررورلۇق تەييارلىقىنى قىلىۋاتقانلىقى بېكىتىلگەن ئالتە پ ك ك ئەزاسىنىڭ توپ بومباردىمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر