ئەردوغان ۋاڭ يىنى قوبۇل قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنى قوبۇل قىلدى.

1608488
ئەردوغان ۋاڭ يىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، 6 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق زىيارەتلىرى دائىرىسىدە، تۈنۈگۈن كەچ تەرەپلەردە پايتەخت ئەنقەرەگە كەلدى.

ۋاڭ يى، بۈگۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە قوبۇل قىلىندى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، مىنىستىرلىقتا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغانىدى.

ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر