«تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى ئىستىراتېگىيەلىك شېرىكلىك سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈشنى خالايمىز»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى ئىستىراتېگىيەلىك شېرىكلىك سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1608469
«تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى ئىستىراتېگىيەلىك شېرىكلىك سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈشنى خالايمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، پايتەخت ئەنقەرەدە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى.

چاۋۇشئوغلۇ، ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلار  ھارپىسىدا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇشىدىن خۇرسەن بولىدىغانلىقلىرىنى، بۇ دائىرىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئىستىراتېگىيەلىك شېرىكلىك سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى مەسلىھەت كېڭىشى مىخانىزىمى يىغىنىنىڭمۇ كېيىنرەك كەڭ دائىرىلىك ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىككى مىنىستىر، كېيىنچە «كوۋىد – 19» ۋاكسىنىسى ساھەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ۋە تۈركىيە – خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق نامايەن قىلىنغان فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.

ۋاڭ يى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر