تۈركىيە باڭلادېشتا 20 مىڭ مۇساپىرنى كۈنىگە يېمەك – ئىچمەك بىلەن تەمىنلەيدۇ

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى باڭلادېشتا كوكس بازىرىدىكى ئاراكانلىق مۇسۇلمان مۇساپىرلار تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلار لاگېرىغا ئوت كەتكەندىن كېيىن ئۆي - ماكانسىز قالغان تەخمىنەن 20 مىڭ كىشىنى ھەر كۈنى 2 ۋاخ تاماق بىلەن تەمىنلەيدۇ.

1608435
تۈركىيە باڭلادېشتا 20 مىڭ مۇساپىرنى كۈنىگە يېمەك – ئىچمەك بىلەن تەمىنلەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رايوندىكى ئاشخانىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە رېمۇنت قىلىپ، بۇرۇنقى ھالىتىگە كەلتۈرگەن تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى، دۇنيا يېمەك - ئىچمەك پىروگراممىسى بىلەن بىرلىكتە 20 مىڭغا يېقىن مۇساپىرنى ھەر كۈنى 2 ۋاخ تاماق بىلەن تەمىنلەيدۇ.

باڭلادېش دائىرىلىرىنىڭ ئىسسىق تائام تارقىتىش خىزمىتىنىڭ ئۇدا 15 كۈن داۋاملىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

بۇ جەرياندا، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى، ئوت ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان ئاراكان مۇساپىرلىرىغا 24 سائەت مۇلازىمەت قىلىپ، يېمەك - ئىچمەك تارقىتىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

بىرما كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى كياۋ ۋىن، بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا، 23-مارت كوكس بازىرىدىكى بالۇخالى مۇساپىرلار لاگېرىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 28 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 40 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى، تەخمىنەن 15 مىڭ پاناھلىنىش ئورنىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ باڭلادېشتا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى جوھاننىس ۋان دېر كلائاۋمۇ، ئوت ئاپىتىدىن كېيىن 400 ئادەم بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر