ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ 7 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيدا ئەردوغان قايتا رەئىسلىككە سايلاندى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 7-نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇلتايدا 1428 ئىناۋەتلىك بېلەتنىڭ ھەممىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ قايتىدىن رەئىسى بولۇپ سايلاندى.

1607835
ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ 7 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيدا ئەردوغان قايتا رەئىسلىككە سايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئەنقەرە تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن 7-نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسلىك سايلىمى ئاخىرلاشتى.

سايلام نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، 1431 بېلەت تاشلاندى ۋە 1428 بېلەت كۈچكە ئىگە بولۇپ، 3 بېلەت ئىناۋەتسىز ھېسابلاندى.

جۇمھۇر رەئىس ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 1428 ئىناۋەتلىك بېلەتنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.

پارتىيەنىڭ 75 ئەزادىن تەركىب تاپقان مەركىزى قارار چىقىرىش ۋە مۇدىرىيەت كېڭىشىمۇ ئوخشاش بېلەت تاشلاش ئارقىلىق بېكىتىلدى.

ئەردوغان تەشەككۈرنۇتۇقىدا، «مېنى يەنە بىر قېتىم رەئىسلىككە لايىق دەپ قارىغانلىقىڭىلار ئۈچۈن ھەممىڭلارغا رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس، «مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى بىلەن قۇرۇلغان جۇمھۇر ئىتتىپاقى قانداقتۇر ئۈستەلئۈستىدىكى ئىتتىپاق ئەمەس، كۆڭۈلىتتىپاقىدۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر