ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ 7 – نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇلتىيى بۈگۈن چاقىرىلىدۇ

جۇمھۇر رەئىس، قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئەنقەرە تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قۇرۇلتايدا ئىشتىراكچىلارغا خىتاب قىلىدۇ ۋە پارتىيەسىنىڭ 2023 - يىللىق خىتابنامەسىنى ئېلان قىلىدۇ.

1607348
ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ 7 – نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇلتىيى بۈگۈن چاقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس، قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئەنقەرە تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قۇرۇلتايدا، پارتىيەسىنىڭ 2023 – يىللىق سايلام خىتابنامىسىنى ئېلان قىلىدۇ، پارتىيە ئەزالىرىغا خىتاب قىلىدۇ، پارتىيەسىنىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتلىرىدىن كۈتىدىغانلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىدۇ.

بۈگۈنكى قۇرۇلتاي جەريانىدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي قارار چىقىرىش ۋە باشقۇرۇش ئورگىنى يېڭىدىن تەشكىل قىلىنىدۇ.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا ئىشتىراك قىلىشى ئۈچۈن 11 سىياسىي پارتىيەگە تەكلىپنامە يوللىدى. قۇرۇلتاينىڭ شوئارى «تۈركىيە ئۈچۈن ئىشەنچ ۋە مۇقىملىق» دەپ بېكىتىلدى.

كوۋىد – 19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن قۇرۇلتايغا چەت ئەللەردىن مېھمانلار چاقىرىلمىدى، ئەمما چەكلىك ساندا ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە مېيىپلار بىلەن غازى ۋە شېھىت ئائىلىلىرى تەكلىپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر