ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلتىيىدا مۇھىم سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس، قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 21 – ئەسىر ۋە ئۇنىڭدىن ھالقىغان جەريانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە چوڭ ۋە كۈچلۈك تۈركىيە بەرپا قۇرۇپ چىققانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1607603
ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلتىيىدا مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، پارتىيەسىنىڭ ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ قۇرۇلتىيىدا سۆز قىلىپ، تۈركىيەنى ئالدى بىلەن (جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 - يىلى بولغان) 2023- يىللىق نىشانىغا، ئاندىن 2053- يىللىق نىشانىغا (مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەىسى بىلەن بىرلىكتە قۇرغان) جۇمھۇر ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىكتە يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ۋە تۈرك خەلقىنى ئىزچىل ھالدا ئۆزىنىڭ ئىچكى ئاۋارىگەرچىلىكى بىلەن مەشغۇل قىلىپ قويۇش ئارقىلىق يېقىنقى ئىككى ئەسىرنىڭ مابەينىدە گەۋدىلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇپ قويغانلارنىڭ ھازىرمۇ ئوخشاش ئويۇننى ئويناشنىڭ كويىدا ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ قېتىم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «چۈنكى، بۇ قېتىم پەرقلىق بىر تۈركىيە بار. 84 مىليون پۇقراسى ئۆزىنى بىر مىللەت دەپ ئاتاۋاتقان بىر تۈركىيە بار. بۇ قېتىم، پەقەت ئىلكىدىكلەرگە ئىگە چىقىش بىلەنلا بولدى قىلمايدىغان، دۇنيانىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي سىستېمىسىدىكى ئۆزىگە لايىق ئورنىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىرادىسىنى 2023  -  ۋە 2053 - يىللىق نىشانلىرى ۋە 2071  - يىللىق غايىلىرى ئارقىلىق نامايان قىلغان بىر تۈركىيە بار. يېقىنقى سەككىز يىلنىڭ مابەينىدە قۇرۇلغان تۇزاقلارنى بىر – بىرلەپ ۋەيران قىلغان بىر تۈركىيە بار. قوللىرىدىن كەلسە، يامغۇر يېغىۋاتقان پەيتتىمۇ تۈركىيەگە بىر پىيالە سۇ بەرمەيدىغانلارنىڭ ھەر كۈنى ئالدىمىزغا يېڭى مەسىلىلەرنى تېڭىش بىلەن چىقىشلىرى بىزنى يولىمىزدىن قايتۇرالمىدى. يەنە قايتۇرالمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

2023- يىل نىشانلىرىنى يېڭى باشلىنىشقا ئايلاندۇرۇپ، 21- ئەسىرنى ۋە ئۇنىڭدىن ھالقىغان زامانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بۈيۈك ۋە كۈچلۈك تۈركىيە قۇرۇپ چىققانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۈركىيەنى مائارىپتىن ساغلاملىققىچە، سانائەتتىن تەنتەربىيەگىچە بولغان ساھەلەرگە سالغان سېلىنمىلار ئارقىلىق تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئەردوغان، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى ئۆز ئىچىگە بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىپ، دۆلەت چېگرالىرى ئىچىدە ھەرىكەت قىلالمايدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

قاتناش ساھەسىگە 932 مىليارد تۈرك لىراسى مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يېڭىلاپ تەرەققىي قىلدۇرغانلىقلىرىغا ئىشارەت قىلغان ئەردوغان، كوۋىد – 19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن تۇرغۇنلۇق باسقۇچىغا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، تۈركىيەنىڭ، كېلەچەكنىڭ ئەڭ چوڭ ئاۋىياتسىيە قاتنىشى ئۇل ئەسلىھەسىگە ئىگە دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر