ئەردوغان: بىزنىڭ نە غەرب، نە شەرققە ئارقىمىزنى قىلىپ تۇرۇۋالالمايمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ئافرىقا، ئاسىيا ۋە ياۋروپانىڭ قەلبىگە جايلاشقان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن نە شەرققە، نە غەربكە ئارقىسىنى قىلىپ تۇرۇۋېلىشتەك بىر تاللىشىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.

1607706
ئەردوغان: بىزنىڭ نە غەرب، نە شەرققە ئارقىمىزنى قىلىپ تۇرۇۋالالمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس، قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پارتىيەسىنىڭ پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن 7 – نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇلتىيىدا سۆز قىلىپ، ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە دوستلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، كېلىشمەسلىكلەرنى ھەل قىلىپ، تۈركىيە جايلاشقان بۇ جۇغراپىيەنى خاتىرجەملىك ئارىلىغا ئايلاندۇرۇشقا بەل باغلىغانلىقلىرىنى ئەسكەتتى.

ئەردوغان: «سۈرىيە ھەقىقىي مەنىدە سۈرىيەلىكلەر باشقۇرىدىغان بىر جايغا ئايلانغۇچە كۈچ چىقىرىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن سۆزلىرى ئارقىلىق سۈرىيەنىڭ خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ، تۈركىيەنىڭ قوللىشى سايىسىدا بۈگۈن لىۋىيەنىڭ قايتىدىن كەلگۈسىگە ئۈمىد كۆزى بىلەن قارىيالىغانلىقىنى، دېموكراتىك مۇساپىگە قەدەم باسالىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن رۇسىيەگىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئەرەب دۆلەتلرىگىچە بولغان بارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتى ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدىگە ماس ھالەتتە شەكىللەندۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «ئافرىقا، ئاسىيا ۋە ياۋروپانىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالغان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن نە شەرققە، نە غەربكە ئارقىمىزنى قىلىپ تۇرۇۋېلىشتەك بىر تاللىشىمىز يوق» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر