چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

1607495
چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى قارارگاھىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن كۆرۈشتى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۈچۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئىككى مىنىستىر، بلىنكېن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم يۈزتۇرانە كۆرۈشتى.

چاۋۇشئوغلۇ بىلەن بلىنكېن، ئىلگىرى 15 – فېۋرال كۈنى تېلېفوندا كۆرۈشكەن، تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت يەنە،، رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر،  فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/پ ي د قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش، رۇسىيەدىن سېتىۋېلىنغان <400 – س> باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرى، سۈرىيە ۋە شەرقىي ئاقدېڭىز  مەسىلىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر