چاۋۇشئوغلۇ فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى يېن يۋېس لې درىئان بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

1607170
چاۋۇشئوغلۇ فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۈچۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا زىيارەتتە بولغان چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بىريۇسسېلدا، فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يېن يۋېس لې درىئان بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئىقتىساد - سودا بىرلەشمە كومىتېتى يىغىنى ۋە سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىغا ساھىبخانىلىق قىلىمىز، سۈرىيە ۋە لىۋىيە قاتارلىق رايونلۇق مەسىلىلەر توغرىسىدىمۇ مەسلىھەتلىرىمىز داۋاملىشىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر