چاۋۇشئوغلۇ: بلىنكېن بىلەن كۆرۈشۈشىمىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن ئېلىپ بارغان كۆرۈشۈشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى ئېيتتى.

1607763
چاۋۇشئوغلۇ: بلىنكېن بىلەن كۆرۈشۈشىمىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى قارارگاھىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

چاۋۇشئوغلۇ، ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ <400 – س> باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى ئالغانلىقىنى، بۇ ئىشنىڭ ئاللىقاچان تۈگىگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتۇق، ئىتتىپاقداشلىرىمىزدىن بۇ سىستېمىلارنى ئالالمىغانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، بلىنكېن بىلەن كۆرۈشۈشىمىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، ئۇنىڭغا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ يېقىندىن بۇيانقى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى خاتىرىلەتتۇق، ئۇچرىشىشتا، سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك تەرىپى ھەققىدە  تەپسىلىي مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق، تۈركىيەدە ياكى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا كەڭ دائىرىلىك بىر يىغىن چاقىرىش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق.»

ئافغانىستان كونفېرانسىنى ئاپرېل ئېيى ئىچىدە چاقىرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، «دوھاغا تاللاش خاراكتېرلىك بىر مۇنبەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى خالىمايمىز، بىز پەقەت قوللاش مەقسىتىدىلا يىغىن چاقىرىشنى خالايمىز.»

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى توغرىلىقمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تاموژنا بىرلىكىنىڭ بەلگىلىمىلىرى يېڭىلىنىشى كېرەك، شەرقىي ئاقدېڭىز مەنبەلىرىدىن ھەققانىيەت ئاساسىدا بەھرىمەن بولۇش ئىنتايىن مۇھىم، قىبرىس مەسىلىسىنى ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىش يولىدا ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر