«‹TRT World› مۇنبىرى» يىغىنىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېلەچىكى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ

«‹TRT World› مۇنبىرى» تەرىپىدىن چاقىرىلىدىغان «دىگىتال دۇنيا ھەققىدىكى تالاش – تارتىشلار» ناملىق يىغىننىڭ ئەتىكى بۆلۈمىدە مۇتەخەسسىسلەر «برېكسىت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېلەچىكى» مەسىلىسى ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ.

1606597
«‹TRT World› مۇنبىرى» يىغىنىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېلەچىكى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئورگىنى (TRT) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئەتە ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 20 دە چاقىرىلىدىغان، « دىگىتال دۇنيا ھەققىدىكى تالاش – تارتىشلار» ناملىق يىغىندا، برېكسىت (ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى) نىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى دىنامىكىلىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە برېكسىتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ياۋروپا سىرتىدىكى رولىغا كۆرسەتكۈسى تەسىرى توغرۇلۇق مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ياۋروپا تەرەققىيات تەتقىقات فوندىنىڭ باش كاتىپى لاسزلو ئاندور بىلەن لانكاستېر ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مارك گارنېت قاتنىشىدىغان يىغىنغا، مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، قوشۇمچە «‹ TRT World › تەتقىقات مەركىزى» نىڭ پېشقەدەم ئەزاسى تالىپ كۇچۇكجان رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

يىغىن، «‹TRT World› مۇنبىرى» نىڭ  YouTube (@trtwordlforumFacebook  (@trtwordlforumTwitter  (@trtwordlforum) سەھىپىلىرىدىن تەقىب قىلىنىدۇ.

يىغىننىڭ سوئال – جاۋاب بۆلۈمىدە، ئىشتىراكچىلار مۇتەخەسسىسلەردىن سوئال سورالايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر