رۇسىيە باش ئەلچىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلدى

رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىسى ئالېكسېي يېرخوۋ (Aleksey Yerkhov) تۈنۈگۈن (2021-يىلى 22-مارت) تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلدى.

1606938
رۇسىيە باش ئەلچىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رۇسىيە باش ئەلچىسىنىڭ مىنىستىرلىققا چاقىرىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«تۈنۈگۈن رۇسىيەنىڭ باش ئەلچىسى مىنىستىرلىقىمىزغا چاقىرىلدى. كۆرۈشۈشتە، سۈرىيەدىكى ھۇجۇملار مۇزاكىرە قىلىندى. قايغۇ ۋە ئەندىشەلىرىمىز يەتكۈزۈلدى. دوختۇرخانا ھۇجۇمى ئالاھىدە تەكىتلەندى. ئارمىيە ئورگانلىرىمىزمۇ ئوخشاش قايغۇ-ئەندىشەلەرنى رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا يەتكۈزدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر