مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ: «بىزنىڭ بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرىشىمىز داۋاملىشىدۇ»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1607032
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ: «بىزنىڭ بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرىشىمىز داۋاملىشىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا نۇتۇق سۆزلىدى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بىرىنچى يىغىندىكى نۇتىقىدىن كېيىن، ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئۇچۇر ئېلان قىلدى ۋە تۈركىيەنىڭ ئافغانىستاندىكى تىنچلىق مۇساپىسى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر  يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ لىۋىيەنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ياردەملىرى داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ،  «پ ك ك/ ي پ گ ئىراققا ۋە سۈرىيەگە تەھدىتتۇر. بىزنىڭ بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرىشىمىز داۋاملىشىدۇ» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر