تۈركىيەدە بۈگۈن 117يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن117كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1606267
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن117كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى30مىڭ 178گە يەتتى.
بۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 201مىڭ.215كىشىنىڭ981نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.
كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 22مىڭ216گە يەتتى.
داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان19مىڭ494كىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى2مىليون 844مىڭ681گە يەتتى.