تىنچلىق بۇلىقى رايونىدا ئونلارچە تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

سۈرىيەنىڭ تىنچلىق بۇلىقى رايونىدا يېقىنقى ئۈچ كۈن ئىچىدە بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك ئەزاسى 35 تېرورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1605883
تىنچلىق بۇلىقى رايونىدا ئونلارچە تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «تىنچلىق بۇلىقى رايونىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغان ي پ گ / پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى كوماندىر جەڭچىلىرىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى. شۇنداق قىلىپ، ئارمىيەمىز يېقىنقى ئۈچ كۈننىڭ مابەينىدە تىنچلىق بولىقى رايونىدا بىر تەرەپ قىلغان ي پ گ / پ ك ك ئەزاسى تېررورچىلىرى سانى 35 كە يەتتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر