ئەردوغان نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكنامە ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان نورۇز ياشناتقان ئۈمىت ۋە ھاياجان بىلەن تېخىمۇ گۈللەنگەن، ئادىل ۋە بىخەتەر كەلگۈسى بەرپا قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1605350
ئەردوغان نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكنامە ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا،  ئەردوغاننىڭ خەلقئارا نورۇز  بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكنامە ئېلان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەردوغان تەبرىكنامىسىدا، باھارنىڭ خەۋەرچىسى، تىنچلىق ۋە قېرىنداشلىقنىڭ سىمۋولى بولغان نورۇز  بايرىمىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئانادولۇ ۋە بالقان رايونىغىچە بولغان كەڭ جۇغراپىيەدە  مىڭلىغان يىللاردىن بېرى قىزغىنلىق بىلەن تەبرىكلىنىپ كېلىۋاتقان نورۇز بايرىمىنىڭ ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىق تۇيغۇسىنى پۈتۈن دۇنياغا مەڭگۈلۈك يىلتىز تارتقۇزىشىنى تىلەيمەن. نورۇز ياشناتقان ئۈمىت ۋە ھاياجان بىلەن تېخىمۇ گۈللەنگەن، ئادىل ۋە بىخەتەر كەلگۈسىنى ئاياللار، ئەرلەر، ياشلار ۋە ياشانغانلار بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ قەدەممۇ قەدەم بەرپا قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. نورۇزنىڭ ئەزىز مىللىتىمىزگە ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە خاتىرجەملىك، بەرەكەت ۋە گۈللىنىش ئېلىپ كېلىشىنى تېلەيمىز،. بارلىق پۇقرالىرىمىزغا چىن قەلبىمدىن سالام يوللايمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر