ئىزمىردا نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

ئىزمىر ۋىلايىتىنىڭ قارابۇرۇن ناھىيەسى ساھىللىرىدا 34 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1600432
ئىزمىردا نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى ئەترەتلىرى، قارابۇرۇن ناھىيەسى ساھىلىرىدا، ھاۋا شارائىتىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبلىك خەتەرگە يولۇققانلىقتىن ياردەم تەلەپ قىلغان بىر كېمىدىكى  34 كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالدى.

ساھىل بىخەتەرلىك ئەترەتلىرى تەرىپىدىن قىرغاققا چىقىرىلغان كۆچمەنلەر، رەسمىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن، ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر