تۈركىيە ئونلارچە چەت ئەللىك مۇساپىرنى قۇتقۇزۇۋالدى

ئىزمىر ۋە مۇغلا دېڭىز تەۋەلىكلىرىدە گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان كامېر كېمىلەردىكى 40 مۇساپىر قۇتقۇزۇلۇپ قۇرۇقلۇققا ئېلىپ چىقىلدى.

1597574
تۈركىيە ئونلارچە چەت ئەللىك مۇساپىرنى قۇتقۇزۇۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقى، ئىزمىرنىڭ چەشمە ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدىكى بىر قۇلۋاقتا بىر تۈركۈم مۇساپىرلارنىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى مەلۇم قىلىش ئۇچۇرىغا ئاساسەن رايونغا قۇتقۇزۇش خادىملىرىنى ئەۋەتتى.

قۇتقۇزۇش ئەترىتى، گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان بىر كامېر كېمىدىكى 12 مۇساپىرنى قۇتقۇزۇۋالدى.

قۇرۇقلۇققا ئېلىپ چىقىلغان مۇساپىرلار كېرەكلىك رەسمىيەتلەر بېجىرىلگەندىن كېيىن ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقى خادىملىرى يەنە، مۇغلانىڭ مارمارىس ناھىيەسى بوزبۇرۇن مەھەللىسى دېڭىز تەۋەلىكىدىكى بىر كامېر كېمىدە بىر گۇرۇپپا مۇساپىرنىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرغا ئاساسەن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان كامېر كېمىدىكى 15 مۇساپىرنى قۇتقۇزۇپ قۇرۇقلۇققا ئېلىپ چىقتى.

خادىملار يەنە، گۆكچەبۇرنۇ دېڭىز تەۋەلىكىدە گىرېتسىيە تەرىپىدىن قايتىشقا مەجبۇرلانغان بىر كامېر كېمىدىكى 13 مۇساپىرنى قۇتقۇزۇپ قۇرۇقلۇققا ئېلىپ چىقتى ۋە كېرەكلىك رەسمىيەتلەر بېجىرىلگەندىن كېيىن ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر