ئەردوغان پارلامېنتتا ۋە ھەر ساھەدە ئاياللار سانىنى كۆپەيتكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۇرمۇشنىڭ باشقا ساھەلىرىدىكىگە ئوخشاش سىياسەتتىمۇ ئاياللارنى چەتكە قېقىشنىڭ، ئىنسانىيەتنىڭ يېرىمىگىلا ئەمەس، بەلكى ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، يارىتىلىش تەبىئىيىتىگە دۈمبىسىنى قىلىش بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1597357
ئەردوغان پارلامېنتتا ۋە ھەر ساھەدە ئاياللار سانىنى كۆپەيتكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پارتىيەسى (ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى) نىڭ پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاياللار ياچېيكىسىنىڭ 6-قېتىملىق كونگرەسىدە سۆز قىلدى.

ئۇ ھەم تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دە ھەمدە مەمۇرىيەتتە ئاياللار سانىنى ھەر ساھە بويىچە كۆپەيتكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: « تۇرمۇشنىڭ باشقا ساھەلىرىدىكىگە ئوخشاش سىياسەتتىمۇ ئاياللارنى چەتكە قېقىشنىڭ، ئىنسانىيەتنىڭ يېرىمىگىلا ئەمەس، بەلكى ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، يارىتىلىش تەبىئىيىتىگە دۈمبىسىنى قىلىش بولىدۇ» دېدى.

ئۇ ئاياللارغا زوراۋانلىق قىلىش مەسىلىسىگە قارىتا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە يېڭى كومىتېت قۇرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «قولىمىزدىن كېلىدىغان تىرىشچانلىقنى ئاخىرىغىچە كۆرسىتىمىز. ئاياللارغا زوراۋانلىق قىلىشقا رۇخسەت قىلمايمىز» دېدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:

«ئاياللار ھوقۇقى مەسىلىسىدە گويا ئالدىدا ھېسابلىنىدىغان دۆلەتلەردىكى ئايال جىنايەتلىرىنىڭ دۆلىتىمىزدىكىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولۇشتەك ئەمەلىيەتنى كۆرمەسكە سېلىپ، تۈركىيەنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلارنىڭ مەقسىتى، خەلقىمىزدۇر. ئايالنى ئانا، ئەۋلاد، شۇنداقلا ئىنسان بولۇشتىن چىقىرىپ، يىلتىزى يوق، روھى يوق كىشى قىلماقچى بولغانلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشمەيمىز. تۈركىيە ۋە تۈركىيە خەلقى بىلەن بولغان ھېسابلىشىشلاردا ئاياللاردىن پايدىلانغانلارنىڭ ئەپتى-بەشىرسىنى ھەر پۇرسەتتە ئاشكارىلايمىز.»

ئۇ يېڭى مەزگىلدە ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىشلارنىڭ ئائىلە مۇئەسسەسىنى كۈچلەندۈرۈش بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر