تۈركىيەدە ۋاكسىنا ئەملەنگەنلەرنىڭ سانى 10 مىليوندىن ئاشتى

تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىنانىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىملىقىنى ئەملەتكەنلەرنىڭ سانى 10 مىليوندىن ئاشتى.

1597100
تۈركىيەدە ۋاكسىنا ئەملەنگەنلەرنىڭ سانى 10 مىليوندىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ «https://covid19asi.saglik.gov.tr» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ۋاكسىنا ئەملەنگەنلەرنىڭ سانى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بىرىنچى قېتىملىق ۋاكسىنا ئەملەنگەنلەرنىڭ سانى 7 مىليون 570 مىڭ 595 كە يەتكەن بولۇپ، ئىككىنچى قېتىم ۋاكسىنا ئەملەتكەن 2 مىليون 442 مىڭ 353 كىشى بىلەن جەمئىي ئەملەنگەنلەر سانى 10 مىليون 12 مىڭ 948 بولغان.

بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىم ۋاكسىنا ئەملەتكەنلەرنىڭ جەمئىي سانى ئۈچ چوڭ ۋىلايەتتە، ئىستانبۇلدا 1 مىليون 589 مىڭ 160، ئەنقەرەدە 823 مىڭ ۋە ئىزمىردا 669 مىڭ 449 بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر