تۈركىيەدە بۈگۈن 64يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن64كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1597435
تۈركىيەدە بۈگۈن 64يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن64كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى29مىڭ 94كە يەتتى.

بۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 129مىڭ.429كىشىنىڭ767نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.

كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 13مىڭ215كە يەتتى.

داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان8مىڭ106كىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى2مىليون 632مىڭ30غا يەتتى.


خەتكۈچ: #ۋابا , #ۋىرۇس

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر