تۈركىيە ئېكۋاتور گىۋىنېيەسىدىن ھال سورىدى

تۈركىيە، ئېكۋاتور گىۋېنىيەسىدىكى بىر ھەربىي بازىنىڭ ئوق - دورا ئىسكىلاتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ نۇرغۇن كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېكۋاتور گىۋېنىيەسى خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىدىن ھال سورىدى.

1596964
تۈركىيە ئېكۋاتور گىۋىنېيەسىدىن ھال سورىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئېكۋاتور گىۋېنىيەسىنىڭ باتا شەھىرىدىكى بىر ھەربىي بازىنىڭ ئوق دورا ئىسكىلاتىدا تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن پارتلاشتا نۇرغۇن كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە نەچچە يۈز كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا: «بىز بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن دوست ئېكۋاتور گۋىنىيەسى خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىدىن ھال سورايمىز، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى ۋە تۇغقانلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىدارلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى سەھىيە مىنىستىرى گۇئىنېئا سالۇد، ۋەقەدە 17 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 420 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، ھەربىي بازىغا يېقىن نۇرغۇن ئۆيلەرنىڭ پارتلاش سەۋەبىدىن ۋەيران بولغانلىقى ۋە نۇرغۇن كىشىنىڭ خارابىلىك ئاستىدا قالغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر