ئەردوغان ئاكىف ۋە «ئىستىقلال مارشى» ھەققىدە قارارنامە ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2021 – يىلىنىڭ مەھمەت ئاكىف ئەرسوي ۋە «ئىستىقلال مارشى» سۈپىتىدە تەبرىكلىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك قارارنامە ئېلان قىلدى.

1596102
ئەردوغان ئاكىف ۋە «ئىستىقلال مارشى» ھەققىدە قارارنامە ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئىمزاسى بىلەن بۈگۈن رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنغان 2021/  6 – نومۇرلۇق قارارنامىدە، ئىستىقلال ۋە ئىستىقلال كۈرىشىنىڭ ئەڭ مۇشەققەتلىك كۈنلىرىدە مەھمەت ئاكىف ئەرسوي تەرىپىدىن قەلەم تەۋرىتىلگەن «ئىستىقلال مارشى» نىڭ، 1921 – يىلى، 12 – مارت كۈنى «مىللىي مارش» سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

قارارنامىدە، مەھمەت ئاكىف ئەرسوي ۋە «ئىستىقلال مارشى» يىلى سۈپىتىدە خاتىرىلىنىدىغان ۋە تەبرىكلىنىدىغان 2021 – يىلى بويىچە پۈتكۈل دۆلەت ئورۇنلىرى ۋە ئورگانلىرى تەرىپىدىن «ئىستىقلال مارشى» نىڭ ئۇقۇمى ۋە (1919 – يىلى، 19 – مايدىن 1923 – يىلى، 29 – ئۆكتەبىرگىچە داۋاملاشقان) «مۇستەقىللىق ئۇرۇشى» نىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە، خەلق ھەم ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا «ئىستىقلال مارشى» نى قوبۇل قىلىنىشى ۋە مەھمەت ئاكىف ئەرسوينى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر