ئەردوغان «ماۋى ۋەتەن – 2021» ھەربىي مانېۋىرىغا نەق مەيداندىن ئۇلىنىپ ئىشتىراك قىلىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ پلانلىق ھەربىي مانېۋىرلىرىدىن «ماۋى ۋەتەن – 2021  ھەربىي مانېۋىرى» غا نەق مەيداندىن ئۇلىنىپ ئىشتىراك قىلىدۇ.

1596149
ئەردوغان «ماۋى ۋەتەن – 2021» ھەربىي مانېۋىرىغا نەق مەيداندىن ئۇلىنىپ ئىشتىراك قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 25 – فېۋرال كۈنى باشلانغاندىن بۇيان ئەگە دېڭىزى ۋە ئاقدېڭىزدا ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن نەق مەيداندىن ئۇلىنىپ ئىشتىراك قىلىدىغان «ماۋى ۋەتەن – 2021  ھەربىي مانېۋىرى» ئەتە ئاخىرلىشىدىكەن. مانېۋىرنىڭ نىشانى، دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىغا قاراشلىق قارارگاھلار، قىسىملار ۋە پاراخوتلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئىكەن.

ئۇنسۇرلارنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق سەۋىيەلىرىنى يۈكسەلدۈرۈش نىشان قىلىنىۋاتقان مانېۋىرغا، 87 پاراخوت، 27 ئايروپىلان ۋە 20 تىك ئۇچار ئايروپىلان قاتناشماقتا ئىكەن.

ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى دېڭىزدا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ۋە تاكتىكا سەۋىيەسىدە ئىشلىتىلگەن مانېۋىردا، ھەقىقىي ھەربىي ھەرىكەت مۇھىتى شەكىللەندۈرۈش مەقسىتىدە، سۇ ئۈستى ۋە ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش ئوقلىرى ئارقىلىق تېز سۈرئەتلىك ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى  نىشان قىلىنماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر