فېۋرال ئېيىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

فېۋرال ئېيىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىچكى بىخەتەرلىك ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋامىدا 78 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1596295
فېۋرال ئېيىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چاتاقلى، مىنىستىرلىقنىڭ پائالىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك «ئايلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى» دا، ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقى رەھبەرلىكىدىكى ئىچكى بىخەتەرلىك ھەربىي ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە، فېۋرال ئېيىدا يېزا – قىشلاقلاردا 12 سى كەڭ كۆلەملىك 40 بولۇپ، جەمئىي 7 مىڭ 32 ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېيتتى.

تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ شەھەرلەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان يەر استى ئۇۋىلىرى ۋە ھەمراھكارلاشقۇچىلىرىغا قارشىمۇ 1583 ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن چاتاقلى، بۇ جەرياندا بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلاردىن 59 ىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك مەنسۇبى، 18 ىنىڭ دائېش مەنسۇبى، 1 ىنىڭ سولچىل تەشكىلات مەنسۇبى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر