بالىكەسىردە نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

بالىكەسىرنىڭ ئايۋالىق ناھىيەسىدە گىرېتسىيەنىڭ مىدىللى ئارىلىغا كەتمەكچى بولغان 36 كۆچمەن ساھىل بىخەتەرلىك ئەترەتلىرى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1596188
بالىكەسىردە نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى ئەترەتلىرى، گىرېتسىيەنىڭ مىدىللى ئارىلىغا قاراپ يولغا چىققان چەت ئەللىك كۆچمەنلەر ئولتۇرغان كېمىنىڭ ئايۋالىق ناھىيەسى دېڭىز ساھىللىرىدا چۆكۈپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، ئاياللار ۋە بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان  36 كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالدى. ئاندىن ئۇلار ئايۋالىقنىڭ جۇندا ئارىلىدىكى ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابىغا ئېلىپ بېرىلدى، ھەمدە بۇ يەردە ئۇلارغا يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك ۋە تېببىي لازىمەتلىكلەر ياردەم قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر