ئەردوغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن سىنلىق كۆرۈشتى.

1596059
ئەردوغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردغان بىلەن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئىككى رەھبەرنىڭ تۈركىيە-گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن پىلانلىق ئۇچرىشىش ۋە دىيالوگنىڭ داۋامىغا كۆپ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى تۇرۇشنىڭ قەتئىيلىك بىلەن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، قەدەممۇ قەدەم ۋە كونتروللۇق نورماللىشىش مۇساپىسىنى باشلىغانلىقىنى، ۋاكسىنا ئەملەش پىروگراممىسىنىمۇ تېزلەشتۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئىجابىي ئۆزگىرىشلەر بىلەن بىرلىكتە ئاپرېل ئېيىدا ساياھەتچىلىكنىڭ توسقۇنسىز ۋە بىخەتەر ھالدا باشلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يەنە، سۈرىيەدە ئىنسانىي ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولغان مىليونلارچە سۈرىيەلىكنى ئەمەلىيەتتە قوغدىغان ۋە ياردەم قىلىۋاتقان بىردىنبىر دۆلەتنىڭ تۈركىيە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئۆزلىكىدىن قايتىشتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكىلىق جەھەتتىن قوللىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ «18-مارت كېلىشىمى» نى يېڭىلاش مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئالدى ۋە تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز، ئەگە مەسىلىلىرىدىمۇ ئىجابىي پوزىتسىيەسىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ لىۋىيەدە يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىشىپ، بالدۇرراق ۋەزىپىسىنى باشلىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان-مېركېل كۆرۈشۈشىدە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن قاتارلىقلار بىرگە بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر