تۈركىيە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ قارارلىرىنى پۈتۈنلەي رەت قىلدى

ئەنقەرە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا چىقىرىلغان تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك قارارلارنى پۈتۈنلەي رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1595580
تۈركىيە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ قارارلىرىنى پۈتۈنلەي رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشىنىڭ 2021- يىلى 3- مارتتىكى يىغىنىدا دۆلىتىمىزگە قارىتا چىقىرىلغان ئاساسسىز قارارلارنى پۈتۈنلەي رەت قىلىمىز» دېدى.

چىقىرىلغان قارارلارنىڭ ئەرەب خەلقلىرىنىڭ نەزىرىدە ھېچقانداق قىممىتىنىڭ يوقلۇقى بايان قىلىنغان باياناتتا: «ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ۋەيران قىلغۇچ پائالىيەتلىرىنى يوشۇرۇش مەقسىتىدە دۆلىتىمىزگە قاراتقان قېلىپلاشقان ئەيىبلەشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشىنىڭ دوست ۋە قېرىنداش ئەرەب خەلقى نەزىرىدە ئىناۋىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەزالىرىمۇ ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

بەزى ئەزالارنىڭ بۇ قارارلارغا قارشى چىقىپ، ئىزاھات بەرگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئوچۇق سۆھبەت ئېلىپ بېرىلماستىن، ھەر خىل قاتلاملار تەرىپىدىن تېڭىلىشى نەتىجىسىدە قوبۇل قىلىنغان بۇ خىل قارارلارغا بىر قىسىم ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەزالىرىنىڭمۇ قارشى چىقانلىقى ياكى ئىزاھات بەرگەنلىكى كۆرۈلمەكتە» دېيىلدى.

«تۈركىيە پىرىنسىپلىق ۋە قەتئىي مەيدانى بىلەن رايون ۋە دۇنيانىڭ بىخەتەرلىك، مۇقىملىق ۋە خاتىرجەملىكنى قوغداش ئۈچۈن ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا، تۈركىيەنىڭ رايون سىياسىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسىنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىلىشى بىلەن سىياسىي بىرلىكىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

باياناتتا يەنە: «بىز ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنى ئاساسسىز ئەيىبلەش ئارقىلىق دۆلىتىمىزگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئورنىغا ئەرەب خەلقىنىڭ تىنچلىقى، گۈللىنىشى ۋە بەخت - سائادىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا ۋە رايوندا بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق ئورنىتىشقا ئىجابىي تۆھپە قوشۇشقا يەنە بىر قېتىم تەكلىپ قىلىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر