دۇنيادىكى دۆلەتلەر تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

دۇنيادىكى دۆلەتلەر بىتلىستا ھەربىي تىك ئۇچارنىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە شېھىت بولغان ئەسكەرلەر ئۈچۈن تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى.

1595543
دۇنيادىكى دۆلەتلەر تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەبەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىتلىستا ھەربىي تىك ئۇچارنىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە شېھىت بولغان ئەسكەرلەر ئۈچۈن تۈركىيەگە سەۋر تىلىدى.

ئۇ تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا خىتاب قىلىپ ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا: «ھەربىي تىك ئۇچارنىڭ قازاغا ئۇچراش نەتىجىسىدە تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ شېھىت بولغانلىقى خەۋىرى مېنى چوڭقۇر قايغۇلاندۇردى. سىزگە، شېھىتلەرنىڭ ئائىلىلىرىگە، يېقىن-يورۇقلىرىغا ۋە تۈركىيە خەلقىگە، ئۆزەم ۋە ئەزەربەيجان خەلقى نامىدىن تەزىيە بىلدۈرىمەن، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمەن، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن» دېدى.

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيخۇن بايراموۋمۇ تۋىتتېردا تۈركىيە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار شېھىت بولغان ئەسكەرلەر ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكارغا تېلېفون قىلىپ تەزىيەسىنى بىلدۈردى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ئەرسان سانەرمۇ مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكارغا، ئۆزىنىڭ ۋەقەدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى يەتكۈزدى.

ناتو باش كاتىپى ستولتىنبېرگ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇغا تېلېفون قىلىپ تەزىيەسىنى بىلدۈردى ۋە ناتونىڭ تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

گىرۇزىيە پىرېزىدېنتى زۇرابىشۋىلى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تۈركىيە خەلقىگە، بىتلىسنىڭ تاتۋان ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن تىك ئۇچار قازاسىدا شېھىت بولغان ئەسكەرلەر ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى دومىنىك رائاب ۋە ئەنگلىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دومىنىك چىلكوت (DominickChilcott) شېھىت بولغان ئەسكەلەر ئۈچۈن قايغۇرۇۋاتقانلىقىنى يەتكۈزدى.

سومالى ئەدلىيە مىنىستىرى ئابدۇلقادىر مۇھەممەدنۇر بىتلىسنىڭ تاتۋان ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن تىك ئۇچار قازاسىدا شېھىت بولغان ئەسكەرلەر ئۈچۈن سەۋر تىلىدى.

ئالبانىيەنىڭ ياۋروپا ئىشلىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئولتا خاچكا (Olta Xhaçka) شېھىت بولغان ئەسكەرلەر ئۈچۈن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇغا تەزىيەسىنى بىلدۈردى.

ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خورخې ئارىيازا (Jorge Arreaza) تۋىتتېردا تۈركىيە بايرىقى بىلەن ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، تۈركىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىىدە ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

تۈرك كېڭىشى باش كاتىپى باغداد ئامرەيېۋ تىك ئۇچار ۋەقەسىدە ئەسكەرلەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تۈرك كېڭىشى ۋە شەخسىم نامىدىن شېھىت بولغان ئەسكەرلەرگە ئاللاھتىن رەھمەت، ئائىلىلىرىگە ۋە قېرىنداش تۈركىيە خەلقىگە سەۋر، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمەن» دېدى.

ئىراق كۈرت (كورد) رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئېتنىك ۋە دىنىي تەشكىللىنىش ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىرى ۋە ئىراق تۈركمەن فىرونتىنىڭ ئىجرائىيە كېڭىشى ئەزاسى ئايدىن مارۇف، بىنگۆلدىن بىتلىسقا بېرىش ئۈچۈن كۆككە كۆتۈرۈلگەن ھەربىي تىك ئۇچارنىڭ قازاغا ئۇچرىشى نەتىجىسىدە، شېھىت بولغان ئەسكەرلەر ئۈچۈن سەۋر تىلەكلىرىنى ئېلان قىلدى.

پايتەخت ئەنقەرەدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانىلىرى تور بەتلىرىدە بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە خەلقىنىڭ ھەسرىتىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر