ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئېلىپ بارغان ۋە بارىدىغان ئىسلاھاتلىرى توغرىسىدا توختالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يېقىنقى ئىككى – ئۈچ يىلنىڭ مابەينىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھاتلارنىڭ ئۆز ئالدىغا بىر داستان ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1595032
ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئېلىپ بارغان ۋە بارىدىغان ئىسلاھاتلىرى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس، قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باشلىقى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پارتىيەسىنىڭ ۋىلايەتلىك شۆبە باشلىقلىرى كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا سۆز قىلىپ، جىمجىتلىق ئىچىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئىنقىلابلار دېيىشكە بولىدىغان نۇرغۇن ئىسلاھاتلار ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ چېھرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «پەقەت يېقىنقى ئىككى – ئۈچ يىلدا ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتلىرىمىزنىڭ ئۆزىلا ئۆز ئالدىغا بىر داستاندۇر. باشقۇرۇش سىستېمىسى ئىزدىنىشلىرىنىڭ يۈكسەك پەللىسى بولغان جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت سىستېمىسىنى دۆلىتىمىزدە بىر تۇرغۇزدۇق. تۈركىيە ماھىيەتلىك شەكىلدە باشقۇرۇش شەكلىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردى.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيەنى ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە يۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان سىغدۇرۇشچان، ئوچۇق – ئاشكارا، دېموكراتىك، ئەركىنلىكنى ياقلىغۇچى بىر ئاساسىي قانۇنغا ئىگە قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

سەيشەنبە كۈنى كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانىنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقانلىقلىرىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن ئەردوغان، ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئىقتىسادىي ئىسلاھات پىلانىنى ئېلان قىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش نىسبىتىنىڭ %1.8 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، يەرشارى خاراكتېرلىك ساغلاملىق كىرىزىسى يۈز بەرگەن بىر مەزگىلدە تۈركىيەنىڭ ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگەن ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ قاتاردىن ئورۇن ئالغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر