ئەردوغان خىتاينىڭ بىر يول، بىر بەلباغ لايىھەسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ئاپىتىگە قارشى كۈرەشنىڭ، پەقەت كۈچلۈك ھەمكارلىق، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ھەمكارلىق ئارقىلىق غەلىبە قىلىش مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

1595166
ئەردوغان خىتاينىڭ بىر يول، بىر بەلباغ لايىھەسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 14-قېتىملىق ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا سىنلىق شەكىلدە قاتنىشىپ مۇھىم سۆز قىلدى.

ئۇ: «ۋۇخەن ۋىرۇسى ئاپىتىگە قارشى كۈرەش، پەقەت كۈچلۈك ھەمكارلىق، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ھەمكارلىق ئارقىلىق غەلىبە قىلىشى مۇمكىن. يولغا قويۇلغان زۆرۈر چەكلەش تەدبىرلىرىنىڭ، ئوچۇق-ئاشكارا، مۇۋازىنەتلىك ۋە ۋاقىتلىق بولۇشى، شۈبھىسىزكى ئورتاق سودىمىز ئۈچۈن توغرا بولىدۇ» دېدى.

ئۇ 17 يىلدىن بۇيان ئىجرا قىلىنالمىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا كېلىشىمىنىڭ ۋاقىت ئىسىراپ قىلىنماستىن يولغا قويۇلۇشىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «خىتاينىڭ بىر يول، بىر بەلباغ لايىھەسىنى مۇھىم دەپ قارايدىغانلىقىمىزنى، ‹تەڭ مەنپەئەت يەتكۈزۈش› ئاساسىدا بۇ لايىھەنى قوللايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرمەكچىمەن.

2025-يىللىق نىشانىمىزدا پىلان قىلىنغان لايىھەلەرنىڭ مەبلەغ قىسمىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن ‹ۋىزيون فوندى› نىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللايمىز. بۇنىڭدىن كېيىن، قاراباغدا خەۋپسىزلىك ۋە مۇقىملىقنىڭ ئورنىتىلىشىغا ياردەم قىلىشقا، 30 يىللىق ئەرمېنىيە ئىشغالىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىنىڭ ئورنىنى بىرلىكتە تولدۇرۇشقا ئالدىن ئەھمىيەت بېرىمىز. ئىرانغا قارشى يولغا قويۇلغان بىر تەرەپلىمىلىككە ئىگە ئېمبارگولارنىڭ ئاخىرلىشىشى، رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن پاراۋانلىقىغا ۋە مۇقىملىقىغا ھەسسە قوشىدۇ» دېدى.

ئۇ بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى ھەر ساھەدە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۇچار بولغان ئادالەتسىزلىكلەر ئۈستىدىن غالىپ كېلىشىگە ياردەم قىلىشقا دەۋەت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر