تۈركىيە شىمالىي قىبرىسقا يەنە «كوۋىد – 19» ۋاكسىنىسى ئەۋەتتى

تۈركىيە «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە يەنە 20 مىڭ قۇتىلىق «سىنوۋاك ۋاكسىنىسى» ئەۋەتتى.

1594948
تۈركىيە شىمالىي قىبرىسقا يەنە «كوۋىد – 19» ۋاكسىنىسى ئەۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «سىنوۋاك ۋاكسىنىسى» قاچىلانغان تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىغا ئائىت جىددىي قۇتقۇۇش ئايروپىلانى، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 09.30 دا ئەرجان ئايرودۇرۇمىغا قوندى، ئاندىن ۋاكسىنىلار شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرلىقى دائىرىلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

شۇنىڭ بىلەن، تۈركىيە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە ئەۋەتكەن ۋاكسىنىلارنىڭ مىقدارى 100 مىڭ قۇتىغا يەتتى.

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي، تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، يەنە 20 مىڭ قۇتىلىق «كوۋىد – 19» ۋاكسىنىسىنى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە ئەۋەتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر