ئەردوغان شەنتوپنى قوبۇل قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپنى قوبۇل قىلدى.

1594390
ئەردوغان شەنتوپنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇچرىشىشتا، قانۇن چىقىرىش پائالىيەتلىرى، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسدە مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەسىلىلەر ۋە يېڭى پۇقراۋى ھەق تەلەپ ئاساسىي قانۇن مۇساپىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «بۇ باسقۇچ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئىزچىل داۋاملىشىدۇ، ئومۇمىي كېڭەشتە رەت قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش دائىملىق ئىشتۇر» دېگەنىدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ، ئىلگىرى يېڭى ئاساسىي قانۇن توغرۇلۇق ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا، «مەن زىممەمگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىمەن.» تەرىقىسىدە سىگنال بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر