مۇستاپا شەنتوپ ۋە ھەمراھلىقىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى ھەيئىتى ئۇكرائىنادا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە بۈيۈك دۆلەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستاپا شەنتوپ ۋە ھەمراھلىقىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى ئۆمىكى 5-مارتتىن 6-مارتقىچە ئۇكرائىنادا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ.

1594419
مۇستاپا شەنتوپ ۋە ھەمراھلىقىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى ھەيئىتى ئۇكرائىنادا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇستاپا شەنتوپ پايتەخت كىيېۋدا ئېلىپ بارىدىغان رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا، ئۇكرائىنا پارلامېنتى باشلىقى دىميىترو رازۇموۋ تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىدۇ.

مۇستاپا شەنتوپ بىلەن دىميىترو رازۇموۋ  ئايرىم سۆھبەتتىن كېيىن، ھايئەتلەرئارا يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. ئاندىن ئىككى رەھبەر بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىدۇ.

شەنتوپ ئۇكرائىنا پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشىدە شەرەپ دەپتىرىگە ئىمزا قويىدۇ. پايتەخت كىيېۋدىكى غەلىبە مەيدانىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ، ئىسىمسىز قەھرىمانلار ئابىدىسىگە گۈلچەمبىرەك قويغاندىن كېيىن، ھولودومور ئابىدىسىنى زىيارەت قىلىدۇ.

مۇستاپا شەنتوپ ۋە ھەمراھلىقىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى ھەيئىتى ئۇكرائىنا زىيارىتى دائىرىسىدە، پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر زېلېنسكىي تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ ھەمدە باش مىنىستىر دېنىس شىمىخال ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمىترو كۇلېبا بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ.

مۇستاپا شەنتوپ ئىرقداش قىرىم تاتار تۈركلىرى، ئاھىسكا تۈركلىرى ۋە گاگاۋز تۈركلىرى بىلەنمۇ ئايرىم كۆرۈشىدۇ. ئۇكرائىنادىكى تۈرك سودا سانائەتچىلەر ۋە پۇقرالار بىلەن ئۇچرىشىدۇ.

پارلامېنت باشلىقى مۇستاپا شەنتوپ يەنە، ئۇكرائىنادىكى تارىخى جايلارنى زىيارەت قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر