فېۋرالدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ناچار ھاۋارايى شارائىتىغا قارىماي ھەپتىلەرچە ساھەلەردە ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك غا فېۋرال ئېيىدا ئەجەللىك زەربە بەردى.

1594132
فېۋرالدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ تىنچلىقى، ھۇزۇرى ۋ ئامالىقىنى بۇزۇش ئۈچۈن پۇقرالارنى، نارىسىدە بالىلارنى، ھەتتا بوۋاقلارنىمۇ ھۇجۇم نىشانى قىلىشتىن قىلچە ئايانمىغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك غا قارىتىلغان فېۋرال ئېيىدىكى دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋامىدا 126 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، 2021 – يىلى قايىل قىلىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق تەسلىم بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك مەنسۇپلىرىنىڭ سانى فېۋرال ئېيى ئېتبارى بىلەن 31 گە يەتتى.

بۇ ئارىلىقتا، ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن يانۋارنىڭ باشلىرىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن «ئەرەن» ھەربىي ھەرىكەتلىرىمۇ ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.

بۇ دائىرىدە، فېۋرال ئېيىدا بىتلىس، سىئىرت، تۇنجەلى، خاتاي، ئوسمانىيە، ھاققارى ۋە شىرناقتىمۇ ھەربىي ھەرىكەتلەر باشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر