ئەردوغان كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانىنىڭ تەييارلىنىشىنى بەلگىلىگەن ئامىللارنىڭ، ئەسلىدە خەلقنىڭ ئېھتىياج ۋە تەلەپلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1593640
ئەردوغان كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بەشتەپە مىللەت كونگرە ۋە مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

ئۇ كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانىنىڭ ئىككى يىل ئىچىدە ئىجرا قىلىنىش ئۈچۈن تەييارلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «ئەركىن غايىگە شەخس، كۈچلۈك جەمئىيەت، دېموكراتىك تۈركىيە بولۇش سۈپىتىدە بەلگىلەنگەن ھەرىكەت پىلانىمىز 11 ئاساسىي پىرىنسىپ بىلەن باشلىنىدۇ» دېدى.

ئۇ ئالدى بىلەن ئالدىنقى ئۈچ پىرىنسىپنى رەتكە تىزدى:

  1. ئىنسان، تۇغۇلۇشتىن ئىگە بولغان، ۋاز كېچىلمەس ھەق-ھوقۇقلىرى بىلەن ياشايدۇ. دۆلەتنىڭ تۈپ مەقسىتى ۋە ۋەزىپىسى، بۇ ھەق-ھوقۇقلارنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش.
  2. ئىنسان قەدىر-قىممىتى، پۈتكۈل ھەق-ھوقۇقلارنىڭ ماھىيىتى بولۇش سۈپىتىدە، قانۇننىڭ كۈچلۈك قوغدىشى ئاستىدا بولىدۇ.
  3. تىل، ئىرقى، رەڭگى، جىنسىيىتى، سىياسىي چۈشەنچىسى، پەلسەپەۋى ئېتىقادى، دىنى، مەزھىپى ۋە بۇنىڭغا ئوخشايدىغان سەۋەبلەر بىلەن ھەر قانداق ئايرىمىچىلىق قىلىشقا بولمايدۇ. ھەممە كىشى قانۇن ئالدىدا باراۋەردۇر.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانىنىڭ قالغان توققۇز مەقسىتىنى تۆۋەندىكىدەك رەتكە تىزدى:

  1. تېخىمۇ كۈچلۈك كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تۈزۈمى؛
  2. سوتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئادىل سوتلىنىش ھوقۇقىنى كۈچەيتىش؛
  3. قانۇنىي ئالدىن پەرەز قىلىش ۋە ئوچۇق-ئاشكارىلىق؛
  4. پىكىر قىلىش، تەشكىللىنىش ۋە دىنىي ئەركىنلىكلەرنى قوغداش، شۇنداقلا تەرەققىي قىلدۇرۇش؛
  5. كىشىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش؛
  6. كىشىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى پۈتۈنلۈكى بىلەن شەخسىي ھاياتىنى بىخەتەرلىك كاپالىتى ئاستىغا ئېلىش؛
  7. مۈلۈك ھوقۇقىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قوغداش؛
  8. ئاجىز قاتلاملارنى قوغداشنى ۋە جەمئىيەت پاراۋانلىقىنى كۈچەيتىش؛
  9. كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە، يۇقىرى سەۋىيەلىك مەمۇرىي ۋە ئىجتىمائىي ئاڭنى كۈچەيتىش؛


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر