قالىن: بايدىن ھۆكۈمىتى تېررورىزم سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېررورىزمنى قوللاۋاتقانلىقىنى، پىرېزىدېنت جو بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسەتنى ئۆزگەرتىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

1593596
قالىن: بايدىن ھۆكۈمىتى تېررورىزم سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قالىن، كۈنتەرىپكە ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيە – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ تارىخىي باسقۇچ مابەينىدە نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلار ئوتتۇرىغا چىقتى، ئوخشىمىغان ھۆكۈمەتلەر ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندا، پات-پات مۇناسىۋەتلىرىمىز ناھايىتى ياخشى ۋە ئۈنۈملۈك بولغان مەزگىللەرنىمۇ باشتىن كەچۈردۇق، سۈركىلىشلىك دەۋرلەرنىمۇ باشتىن كەچۈردۇق، ئەمما ئۆزگەرمىگەن بىر ئەھۋال بار، ئۇ بولسىمۇ تۈركىيەنىڭ رايوندىكى ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنىڭ ھېچقاچان ئازايمىغانلىقىدۇر.»

بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى سەۋەبلىك ئەنقەرە بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان قالىن، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئەلۋەتتە ئۆزئارا ئىختىلاپلىق بەزى مەسىلىلەر بار، < F 35 > تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ تۈركىيەگە سېتىپ بېرىلىشى، CAATSA ئېمبارگولىرى، <400 – س> باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى قاتارلىقلار بىر يۈرۈش مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىدا تۇرماقتا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى مەۋجۇدىيىتى ۋە بۇلارغا قارشى تېخىچە تۈركىيەنى قايىل قىلالىغۇدەك بىرەر خىزمەتنىڭ ئىشلەنمەسلىكى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د/ي پ گ گە ياردەم بېرىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر بىزنىڭ ئاساسلىق مەسىلە ساھەلىرىمىزنى تەشكىل قىلىدۇ.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د/ي پ گ نى قوللىشىنىڭ تۈركىيەنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن قالىن، مۇنداق دېدى: «بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د/ي پ گ مەسىلىسىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خاتا سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇشى، سۈرىيە كىرىزىسىگە ھېچقانداق ھەل قىلىش چارىسى بولالمىغىنىدەك، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىمىزگىمۇ تېخىمۇ كۆپ زىيان يەتكۈزمەكتە، شۇڭا، بايدىن ھۆكۈمىتى بۇ سىياسەتنى جىددىي بىر شەكىلدە ئۆزگەرتىشى كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر