چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەيئىتى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇكرائىنا ئالاھىدە كۆزىتىش ھەيئىتىنىڭ تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن سىنلىق تېلېفون يىغىنى ئارقىلىق كۆرۈشتى.

1593514
چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەيئىتى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇكرائىنا ئالاھىدە كۆزىتىش ھەيئىتىنىڭ تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن سىنلىق تېلېفون يىغىنى ئارقىلىق كۆرۈشتۇق، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇكرائىنا ئالاھىدە كۆزىتىش ھەيئىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك پائالىيەتلىرى بىلەن ھەم جىددىيچىلىكنىڭ پەسەيتىلىشىگە ھەسسە قوشماقتا، ھەمدە مۇقىملىق ئورنىتىشقا ئاساس ھازىرلىماقتا، بىز بۇ ھەيئەتنىڭ پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق قوللايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر