چاناققەلئە ۋە ئىزمىردا ئونلارچە مۇساپىر قۇتقۇزۇۋېلىندى

چاناققەلئە ۋە ئىزمىر دېڭىز تەۋەلىكلىرىدە 56 مۇساپىر قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1593155
چاناققەلئە ۋە ئىزمىردا ئونلارچە مۇساپىر قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقى خادىملىرى چاناققەلئەنىڭ ئايۋاجىك ناھىيەسى سىۋرىجە رايونى دېڭىز تەۋەلىكىدە قىيىن ئەھۋالدا قالغان  ئىككى قېيىقتىكى مۇساپىرلارنى قۇتقۇزۇۋالدى.

رايونغا يېتىپ بارغان دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى، گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغانلىقى ئېنىقلانغان 33 مۇساپىرنى قۇتقۇزۇپ قۇرۇقلۇققا ئېلىپ چىقتى ۋە مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەردىن كېيىن ئايۋاجىك ناھىيەلىك چەت ئەللىكلەرنى قايتۇرۇش مەركىزىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى.

ئىزمىرنىڭ چەشمە ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدىمۇ كامېر كېمىسىنىڭ موتورىدا كاشىلا كۆرۈلۈپ دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا قالغاندىن كېيىن ياردەم تەلەپ قىلغان 23 مۇساپىر، تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقى خادىملىرى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلۇپ، ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر