تۈركىيە 2-مارتتىن باشلاپ كونتروللۇق نورماللىشىشقا قەدەم قويىدۇ
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2-مارت (2021) تىن باشلاپ كونتروللۇق نورماللىشىشقا ئۆتۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كابېنت يىغىنىدىن كېيىن، ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى تۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم بايانات ئېلان قىلدى.
ئۇ ۋابا تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلغىنىغا بىر يىل بولغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ، 2-مارتتىن باشلاپ كونتروللۇق نورماللىشىشقا ئۆتۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ بارلىق شەھەرلەرنىڭ تۆت گۇرۇپپىغا ئايرىلىدىغانلىقىنى، بۇ كاتېگورىيەلەرنىڭ ھەر ھەپتىدە كۆزدىن كەچۈرۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، يەرلىكنىڭ ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشىگە قارىتا، ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم تەدبىرلەرنى بوشىتىدىغانلىقىنى ياكى تېخىمۇ چىڭىتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئۇ: «9 مىليونغا يەتكەن ۋاكسىنا ئەملەش سانى بىلەن نوپۇسنىڭ %10 دىن كۆپىرەكىنى ئەملىگەن تۈركىيە، ۋاكسىنا ئەملەش جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى بەش دۆلەتنىڭ ئارىسىغا كىردى» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان رومىنىيە پرېزىدېنتى كىلائۇس يوھاننىس بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن رومىنىيە پرېزىدېنتى كىلائۇس يوھاننىس بىلەن تېلېفونلاشتى.