مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ كىرودىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ كىرودىيە تاشقى ئىشلار ۋە ياۋروپا ئىشلىرى مىنىستىرى گوردان گىرلىك-رادمان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1592670
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ كىرودىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ كىرودىيە تاشقى ئىشلار ۋە ياۋروپا ئىشلىرى مىنىستىرى گوردان گىرلىك-رادمان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

تېلېفون سۆھبىتىدە، چاۋۇشئوغلۇنىڭ كىرودىيە زىيارىتى جەريانىدا مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەر كۆزدىن كەچۈرۈلدى.

چاۋۇشئوغلۇ 26-فېۋرال كىرودىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولغان ئىدى.

چاۋۇشئوغلۇ، زىيارەت دائىرىسىدە، كىرودىيە پىرېزىدېنتى زوران مىلانوۋىچ تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئۇچرىشىشلىرى جەريانىدا رايون خاراكتېرلىك يېڭى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان ئىدى.

چاۋۇشئوغلۇ  كىرودىيەنىڭ  بوسنىيەدىكى رولىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، تۈركىيە-كىرودىيە-بوسنىيە ئۇچ تەرەپ مىخانىزىمىنى رەھبەرلەر سەۋىيەسىگە ئېلىپ چىقىش قارارى ماقۇللىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ كىرودىيە پروگراممىسى دائىرىسىدە، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرقى ھەپتىسىدە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن پېترىنجا رايونىنىمۇ زىيارەت قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر